مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىلغانلىقىغا بىر يىل بولغان پەيتتە دوستلۇق مېلودىيەسى كەينى-كەينىدىن ياڭرىدى

2019.07.16 17:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلىنىدىغان جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تارىخىي ئورۇن بەلگىلەپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، نەتىجىلەر ھەرقايسى ساھەلەرنى قاپلاپ، رايون خەلقىگە بەخت يارىتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياراتتى.

  2018-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى يېپىلىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى سەپىرىنى باشلىدى. بۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتىدىكى تۇنجى بېكەت ئىدى.

  ئەزىز مېھمان زىيارەتكە كەلگەندە، ساھىبخان ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ئۆلچەمدە كۈتۈۋېلىش ئارقىلىق ئېھتىرام بىلدۈردى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 12 كۈرەشچى ئايروپىلان ئەۋەتىپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىنى قوغدىدى، ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، ئاتلىق قوشۇن قوغداپ ماڭدى، قارشى ئېلىش ساليوتلىرى كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى.

  نۆۋەتتە، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق خەۋپىنى تۈگىتىش، تەرەققىيات قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتەك جىددىي ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى باشتىن-ئاخىر ئوتتۇرا شەرق خەلقىنىڭ تىنچلىققا ئىنتىلىش،تەرەققىياتنى ئارزۇ قىلىشتەك كۈچلۈك ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

  بۇ يىل 5-ئايدا «جۇڭيۈەن دېڭىز تىرانسپورتى قۇياش چاقى»ناملىق يۈك ساندۇقى پاراخوتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپە پورتىدا توختىدى، بۇ نۆۋەتتە دۇنيادا قاتناۋاتقان ئەڭ چوڭ يۈك ساندۇقى پاراخوتى، شۇنداقلا بۇنداق چوڭ تىپتىكى پاراخوتلارنىڭ پارس قولتۇقى رايونىدا تۇنجى قېتىم توختىشى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قىزىل دېڭىز بويىدىكى كىچىك سانائەت شەھىرى يانبۇدا جۇڭگو شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان يەر شارى بويىچە قۇرۇلۇۋاتقان كۆلىمى ئەڭ چوڭ يېقىلغۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى-يانبۇ 3-قارارلىق تۈرىمۇ قۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، ئۇ شۇ جايدىكى مىڭلىغان ئائىلىلەرنى يورۇتىدۇ، يەنە دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش ھەمدە ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس شەھىرى مەدىنەنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  ئەرەب ئەللىرىنىڭ بىپايان زېمىنىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنى ئورتاق پايدا ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش توغرىسىدىكى ھېكايىلەر ناھايىتى كۆپ: قىزىل دېڭىز بويىدا، كۆپ يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو-مىسىر سۇۋەيش ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونى 80 نەچچە كارخانىنى جەلپ قىلدى، ئىلگىرىكى چۆللۈك باغچە رايونىدىكى بوستانلىققا ئايلاندى. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ھەمكارلىق رايونى ساھىبخان دۆلەتكە تاپشۇرغان باج 79 مىليون 390 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى، 3500 دىن ئارتۇق ئادەمنى بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، كەسىپ ئارقىلىق 30 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يەرلىكتىن بولۇش نىسبىتى %90 تىن ئاشتى؛ قۇملۇقتىكى بوستانلىقتا، جۇڭگو كارخانىلىرى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان دۇبەي خاسيان ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۇبەينىڭ ئومۇمىي ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ %20ىنى قاندۇرىدۇ؛ ئافرىقىنىڭ شىمالىي بۇرجىكىدە، تۇنىستىكى جۇڭگو-ئەرەب يەتىكەن مەركىزى جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى تېخنىكا ھەمكارلىق يولىنى يورۇتتى...

  بۇ يىل 5-ئايدا، ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىشى يىغىنىنىڭ شۆبە يىغىن مەيدانى «ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى سۆزلىشىشى» ئىلمىي سالونىدا، مۇتەخەسسىسلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن باش مەقسەتلىك نۇتۇقىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرىنىڭ كىلاسسىك كىتابلىرىنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش قۇرۇلۇشى، «يىپەك يولى كىتاب نەشر قىلىش قۇرۇلۇشى» قاتارلىق كىتابلارنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ بارغانچە كۆپ نەشر ئاپپاراتلىرى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشتى، جۇڭگو - ئەرەب ئەللىرى مەدەنىيىتى كىتابلاردا يېڭى ئۇچقۇن پەيدا قىلدى، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى خەلقى كىتاب ئوقۇش جەريانىدا ئۆز-ئارا يېقىنلاشتى.

  بۇ يىل 6-ئايدا ئەرەبچە ئاۋاز بېرىلگەن «گۈزەل تۇرمۇش» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى لىۋان، تۇنىسنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن كۆرسىتىلىپ، شۇ جايدا يەنە بىر قېتىم «جۇڭگو قىزغىنلىقى» قوزغىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەرەبچە ئاۋاز بېرىلگەن «مۇھەببەتلەشكەن ئەپەندىلەر»، «لى شياۋلۇڭ»، «يىپەك يولى، بىزنىڭ ھېكايىمىز» قاتارلىق كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىمۇ يېقىندا نۇرغۇن ئەرەب دۆلەتلىرىدە كۆرسىتىلىدۇ، بارغانسېرى كۆپلىگەن ئەلا سۈپەتلىك جۇڭگو كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى ئەرەب تاماشىبىنلىرى ئارىسىغا كىرىپ، جۇڭگونى چۈشىنىدىغان يېڭى كۆزنەكلەرنى ئاچىدۇ.

  جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەرەب ئەللىرىدە «خەنزۇ تىلى قىزغىنلىقى» كۈچەيدى: 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو 11 ئەرەب دۆلىتىدە 16 كۇڭزى شۆيۈەنى ۋە ئۈچ مۇستەقىل كۇڭزى دەرسخانىسى قۇردى؛ «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» مۇسابىقىسى كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرىگە كىردى؛ بۇ يىل 2-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانى خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى مائارىپ سىستېمىسىغا كىرگۈزدى.

  جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى دوستلۇق يىغىنى، مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىشى مۇھاكىمە يىغىنى، ئاخبارات ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق پائالىيەتلەر قەرەللىك ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو بىلەن مىسىر، تۇنىس، ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆز-ئارا كىنو كۆرگەزمىسى، سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزدى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق كۇتۇپخانا ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىۋاتقان مەدەنىيەت رىشتىسى جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى خەلقىنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ چىڭ باغلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ