مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىران ئەنگلىيەنىڭ ماي پاراخوتىنى توسماقچى بولغاندا ئەنگلىيە ھەربىي پاراخوتى توسۇۋالغانمۇ؟ ئىران بۇنى ئىنكار قىلدى

2019.07.16 17:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىران پاراخوتىنىڭ پارس قولتۇقىدا ئەنگلىيەنىڭ بىر ماي پاراخوتىنى توسقانلىقىنى ئەيىبلىدى، ئىران بۇنى ئىنكار قىلدى.

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەت قىسمىنىڭ كاتېرلىرى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا ئەنگلىيەنىڭ بىر ماي پاراخوتىنى توسماقچى بولغاندا، ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي پاراخوتىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى، فوكۇس ئاخبارات قانىلى ۋە ئامېرىكا رادىيو شىركىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۆپلىگەن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە ئەنئەنىسى» ناملىق ماي پاراخوتى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن پارس قولتۇقىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى سۇ ساھىلىدا ھورمۇز بوغۇزىغا قاراپ كېتىۋاتقاندا ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسمىنىڭ بەش كاتېرى يېقىنلىشىپ، ماي پاراخوتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئىراننىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قاراپ مېڭىشىنى تەلەپ قىلدى.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «مونتېروس» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتى يېقىن ئەتراپتا قاتناشنى قوغداۋاتقان بولۇپ، ئىران كاتېرلىرىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ماي پاراخوتىنى توسۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، دەرھال يېقىنلاپ كېلىپ كاتېر بىلەن ماي پاراخوتىنىڭ ئارىسىغا كىرگەن. «مونتېروس» ناملىق پاراخوت زەمبىرەكلىرىنى ئىراننىڭ كاتېرلىرىغا قارىتىپ، قارشى تەرەپتىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئىراننىڭ كاتېرلىرى ئارقىدىن بۇ يەردىن ئايرىلىپ كېتىپ قالغان، «مونتېروس» ناملىق پاراخوت ماي پاراخوتىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا قاراپ داۋاملىق يۈرۈشىنى قوغدىغان.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بىر ئامېرىكا ئايروپىلانى بوشلۇقتا بۇ ۋەقەنى سۈرەتكە تارتتى، دېدى. فوكۇس ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇ رازۋېدكا ئايروپىلانى ئىكەن.

  ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتچىسى: ئامېرىكا بۇ خەۋەرلەرنى بىلىدۇ، دېدى.

  ئەنگلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ ئۈچ پاراخوتى «ئەنگلىيە ئەنئەنىسى» ناملىق پاراخوتنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈشىنى توسماقچى بولدى، «مونتېروس» ناملىق پاراخوت ئارىلىشىپ، ئىراننىڭ پاراخوتلىرىغا «ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرۇش» بەرگەندىن كېيىن بۇ يەردىن ئايرىلدى، دېدى.

  ئىران ئىنقىلابى مۇھاپىزەت قىسمى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف ئىراننىڭ ئەنگلىيەنىڭ ماي پاراخوتىنى توسۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئىران پارس ئاگېنتلىقى ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسىمىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسمى «ئۆتكەن 24 سائەت»تە ئەنگلىيە پاراخوتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق چەت ئەل پاراخوتىنى توسمىدى، دېدى.

  پارس ئاگېنتلىقى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زەرىفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: ئۇلارنىڭ سۆزى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، دېدى.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇلتۇر ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئىراننى جازالاشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىنى ئومۇميۈزلۈك قامال قىلىشقا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا شەرققە ئەسكەر ۋە قورال- ياراغلارنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ، قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىراننى قايتىدىن كېلىشىم تۈزۈشكە مەجبۇرلاشقا ئۇرۇندى.

  ئىران مۇنداق دېدى: بىز ئامېرىكا بىلەن ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىشنى خالىمايمىز، لېكىن «قاتتىق قوللۇق قىلسا، قاتتىق قوللۇق قىلىمىز»، بېسىم ئاستىدا ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرمەيمىز.

  ئەنگلىيەنىڭ تاشقى زېمىنى گىبرالتار دائىرىلىرى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىدە ئىراننىڭ خام نېفىتى قاچىلانغان گىرېيىس 1-نومۇرلۇق ماي پاراخوتىنى تۇتۇپ قېلىپ، ماي پاراخوتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىغا خىلاپلىق قىلىپ، سۇرىيەگە نېفىت توشۇدى، دەپ ئەيىبلىدى.

  ئىران: ئەنگلىيەنىڭ ماي پاراخوتىنى تۇتۇپ قېلىشى دېڭىز قاراقچىلىقى قىلمىشى، دېدى. ئىران ئەنگلىيەنىڭ باش ئەلچىسىنى كۆپ قېتىم چاقىرتىپ، ئېتىراز بىلدۈردى. ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە ئامېرىكىنىڭ تەلىپى بويىچە ماي پاراخوتىنى تۇتۇپ قالدى، ماي پاراخوتىنىڭ نىشانى سۇرىيە ئەمەس، تۇتۇپ قىلىنغاندا خەلقئارا سۇ ساھىلىدا ئىدى.

  ئىران زۇڭتۇڭى رۇھانى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەنگلىيەنى ماي پاراخوتىنى تۇتۇپ قېلىشنىڭ ئاقىۋىتى بار دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئىران دۆلەت مەنپەئەتىنى بەلگىلەش كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى رېزايى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى تىۋىتتېردا يازما ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە ماي پاراخوتىنى قويۇپ بەرمىسە، ئىران ئەنگلىيەنىڭ بىر ماي پاراخوتىنى تۇتۇپ قېلىپ جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلىشىشى كېرەك.

  بىراق، ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇنداق دېدى: ئىران نېفىت پاراخوتىنى تۇتۇپ قېلىش ۋەقەسىنى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ