مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا فىرانسىيەگە «301 تەكشۈرۈشى»نى باشلىدى، ئامېرىكا - ياۋروپا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشى يەنە كېڭەيدى

2019.07.16 17:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان رەقەملىك مۇلازىمەت بېجىغا قارىتا «301 تەكشۈرۈشى»نى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاپتوموبىللىرىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش تەھدىتى سېلىش، ئامېرىكا - ياۋروپا ئاۋىياتسىيە تولۇقلىمىسى ماجىراسى كۈچىيىشتىن كېيىن، ئامېرىكا - ياۋروپا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنىڭ كېڭىيىشىدىكى يەنە بىر مىسال.

  ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئالماقچى بولغان رەقەملىك مۇلازىمەت بېجى ئامېرىكا پەن - تېخنىكا شىركەتلىرىگە قارىتىلغان ئادىلسىزلىق، دېدى. ئامېرىكىنىڭ سودا ۋەكىلى لايىتخىزېر مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ بۇنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردى، «ئۇنىڭ كەمسىتىش خاراكتېرىنىڭ بار-يوقلۇقى، نامۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقى، ئامېرىكا كارخانىلىرىغا يۈك ياكى چەكلىمە ئېلىپ كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى باھالايمىز».

  بۇ يىل 3-ئاينىڭ بېشىدا، فىرانسىيەنىڭ ئىقتىساد ۋە مالىيە مىنىستىرى برونو لېمېر رەقەملىك مۇلازىمەت بېجى ئېلىش قانۇن لايىھەسىنى سۇنۇپ، گۇگۇل، ئامازون، فېيىسبۇك قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق يەرشارى ئىنتېرنېت ماگناتىدىن رەقەملىك مۇلازىمەت بېجى ئالماقچى بولدى. فىرانسىيە خەلق پارلامېنتى ئالدىنقى ھەپتە باج ئېلىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى، كېڭەش پالاتاسىمۇ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاۋاز بەردى.

  قانۇن لايىھەسى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، يەر شارى رەقەملىك كەسپى يىللىق تىجارەت كىرىمى 750 مىليون ياۋرو، يەنى تەخمىنەن 840 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ۋە فىرانسىيە تەۋەسىدىكى يىللىق تىجارەت كىرىمى 25 مىليون ياۋرو، يەنى تەخمىنەن 28 مىليون 140 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان كارخانىلاردىن %3 رەقەملىك مۇلازىمەت بېجى ئېلىنىدۇ. بۇ ئىنتېرنېت ماگناتلىرىنىڭ فىرانسىيەدىكى تىجارەت كىرىمى بېجى مۆلچەرلىنىشىچە فىرانسىيە ھۆكۈمىتىگە ھەر يىلى 500 مىليون ياۋرو، يەنى تەخمىنەن 563 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ.

  گۇگۇل، ئالما قاتارلىق پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا كەسىپ ساھەسىدىكىلەر «قوش قاتلاملىق ئىرېلاندىيە-گوللاندىيە ساندىۋچى»دەپ ئاتايدىغان باجدىن قېچىش تاكتىكىسىنى كەشىپ قىلغان، يەنى ئۇلار ياۋروپادىكى بىر قىسىم تىجارەت كىرىمىنى ئاۋۋال ئىرېلاندىيە ياكى گوللاندىيە قاتارلىق تۆۋەن باج نىسبەتلىك دۆلەتلەردىكى تارماق ئاپپاراتلىرىغا يۆتكەپ، ئاندىن باج تاپشۇرىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ھېسابلىشىچە، ئىنتېرنېت كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئەمەلىي باج نىسبىتى ئاران %9.5بولۇپ، ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ تەخمىنەن %23 لىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەن. ئۇزۇندىن بۇيان، فىرانسىيە ۋە باشقا بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىنتېرنېت ماگناتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باج قانۇنى يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ باجدىن قاچقانلىقىدىن نارازى بولۇپ كەلدى.

  فىرانسىيەدىن باشقا، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە، يېڭى زېللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ رەقەملىك مۇلازىمەت بېجى ئېلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى (ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى) مۇ خەلقئارا ئېتىراپ قىلىدىغان بىر ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىپ، رەقەملىك مۇلازىمەتنى باج رامكىسىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنماقتا.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: فىرانسىيە نۆۋەتتە ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچىدە قانۇن چىقىرىپ رەقەملىك مۇلازىمەت بېجى ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنى پىشاڭ قىلىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا بىرلىككە كەلگەن قانۇن ھۆججىتى شەكىللەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلماقتا. فىرانسىيە ئەمەلدارى ئىلگىرى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك مۇلازىمەت بېجى ئېلىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلسا، فىرانسىيە دەرھال دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار قانۇنلارنى بىكار قىلىدۇ، دېگەن ئىدى.

  لېكىن ئامېرىكىنىڭ سودا ساھەسىدىكى تەشكىلاتلار، پەن-تېخنىكا كەسپى جەمئىيىتى ۋە پارلامېنتتىكى دېموكراتلار، جۇمھۇرىيەتچىلەر بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: فىرانسىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا رەقەملىك مۇلازىمەت بېجى ئېلىشى ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنى «كەمسىتكەنلىك» بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا «301 تەكشۈرۈشى» نى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايمىز.

  ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچى چاك گلاسلېي ۋە پارلامېنتتىكى نوپۇزلۇق دېموكرات روئېن ۋايدىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: فىرانسىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رەقەملىك مۇلازىمەت بېجى ئېلىشى ئېنىقلا «قورۇقچىلىق» تەدبىرى، ئامېرىكا كارخانىلىرىدىكى ئىش ئورنىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلەشتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ماگناتلىرىنىڭ مونوپول قىلىش، باجدىن قېچىش، شەخسىي سىرنى قوغداش كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالايدۇ، ئالما، گۇگۇل، فېيىسبۇك قاتارلىق داڭلىق ئامېرىكا پەن - تېخنىكا كارخانىلىرى بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى ئامېرىكا - فىرانسىيە رەقەملىك مۇلازىمەت بېجى تالاش- تارتىشى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ سودا ماجىراسىنى ھەل قىلىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىۋېتىدۇ، ئىككى تەرەپ سودا سۆھبىتىنىڭ ئىستىقبالى بارغانسېرى غۇۋالىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا يەنىمۇ سودا چەكلىمىسى تەدبىرى قوللانسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىنى ئۆز ئالدىغا توختىتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ