مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نۇرغۇن ئامېرىكىلىق كونا ئەسكەرلەر ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشى «ئەرزىمەيدۇ» دەپ بېكىتتى

2019.07.16 17:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر چەتئەلدىكى ئۇرۇشتىن بىزار بولغان، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىراق ئۇرۇشى ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشى «ئەرزىمەيدۇ» دەپ قارىغان.

  ئامېرىكا پىيۇ تەتقىقات مەركىزى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىككى مەيدان ئۇرۇشنىڭ ئامېرىكىنىڭ «ئىقتىدار باھا نىسبىتى»گە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەربىيدىن چېكىنگەن%64 كىشى ئىراق ئۇرۇشى، %58 كىشى ئافغانىستان ئۇرۇشى ئەرزىمەيدۇ دەپ قارىغان؛ ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ بۇ ئىككى مەيدان ئۇرۇشنى قوللاش دەرىجىسى ئۇرۇشقا قاتناشمىغان ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭكىدىن يۇقىرى ئەمەس ئىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ %5 ى ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشى ئوخشاشلا «ئەرزىمەيدۇ» دەپ قارىغان.

  ئامېرىكا 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قوزغاپ، ئافغانىستاننىڭ تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئامېرىكا كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى يوشۇرۇپ قويدى دېگەننى باھانە قىلىپ، 2003-يىلى ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغاپ، سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 2010-يىلى ئۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

  تەخمىنەن 14 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى ئافغانىستانغا،5 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى ئىراققا ئورۇنلاشتى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى شۇ جايدىكى قىسىملارنى تەربىيەلەش، مەسلىھەتچىلىك قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىي قوراللىقلارغا زەربە بېرىش.

  بۇ تەكشۈرۈشتە ھەربىيدىن چېكىنگەن 1284 كىشىدىن پىكىر ئېلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ