فىرانسىيەدە دۆلەت بايرىمى ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلدى

2019.07.16 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت بايرىمىلىق پاراتتا، فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى لۇۋېر سارىيىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى. شۇ كۈنى فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا دۆلەت بايرىمىلىق ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلدى.

  فىرانسىيەنىڭ يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت بايرىمىلىق پارات 14-ئىيۇل پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون شامپ ئېليىس كوچىسىدا قىسىمنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە ياۋروپادىكى ئون نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. فىرانسىيە بۇ قېتىمقى پاراتتا نامايان قىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى قورال-ياراغلار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ