دېيوكوۋىچ ۋېمبىلتون تېننىس توپ مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر يەككە ئويناش تۈرىدە چېمپىيون بولدى

2019.07.16 16:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېيوكوۋىچ بىلەن فېدېرىر شۇ جاي ۋاقتى 14-ئىيۇل ۋېنبىلتون تېننىس توپ ئەرلەر يەككە ئويناش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى، بەش سائەتكە يېقىن كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق، دېيوكوۋىچ ئىككى مۇسابىقە نۇقتىسىنى قۇتقۇزۇپ، 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن فېدېرىرنى يېڭىپ، 5-قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

  بۇ مەيدان مۇسابىقىنى «ئەسىر ئۇرۇشى» دەپ ئاتىساقمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بۇ ئىككى تېننىس توپ ماھىرى تارىختا جەمئىي 35 قېتىم تولۇق چېمپىيونلۇق (大满贯)قا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 4 سائەت 57 مىنۇتلۇق ۋېنبىلتون تېننىس توپ مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئۇزاق مۇسابىقىلىشىش ۋاقىت رېكورتىنى ياراتتى.

  دېيوكوۋىچ مۇسابىقىدىن كېيىن: «بۇنى مەن قاتناشقان ئەڭ جىددىي، كىشىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان مۇسابىقە، دەپ ئېيتىشقا بولمىغان تەقدىردىمۇ، مېنىڭ كەسپىي ھاياتىمدىكى ئالدىنقى ئىككى ياكى ئالدىنقى ئۈچ قاتارىغا كىرىدىغان كەسكىن مۇسابىقە بولدى، بولۇپمۇ رەقىبىم روگېر ئۇ تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ توپچىلارنىڭ بىرى» - دېدى.

  فېدېرىر مۇنداق دېدى: بۇ بىر مەيدان ئۇلۇغ مۇسابىقە، ئۇزاققا سوزۇلغان مۇسابىقە، بىر مەيدان كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بارلىق ئامىللار بىلەن تولغان مۇسابىقە. نوۋاك، ساڭا مۇبارەك بولسۇن، بۇ بىر مەيدان تەلۋىلەرچە مۇسابىقە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ