مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كونگودا ئېبولادىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى داۋاملىق يامانلاشتى

گېزىتىمىزنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى لۈ چياڭ

2019.07.16 16:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كونگونىڭ شەرقىدىكى مابالاكودا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرى ئىلگىرى ئېبولا كېسەللىكى بايقالغان ئۆيلەرنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

  كونگو سەھىيە مىنىستىرلىقى 14-ئىيۇل، مەزكۇر دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەھەر گومادا تۇنجى ئېبولا كېسىلى كۆرۈلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇ قېتىمقى دوكلاتتا، گوما شەھىرىنىڭ نوپۇسى زىچ ھەمدە كونگو بىلەن رۋاندا چېگرالىنىدىغان جايغا جايلاشقان بولغاچقا، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇلتۇر 8-ئايدىن باشلاپ، كونگودا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېبولا يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەردى، ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە گۇمانىي كېسەل 2500گە يېقىنلىشىپ، 1600دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان. بۇ يىل 7-ئايدىن بۇيان، مەزكۇر دۆلەتتە ئېبولا كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بىمار 100گە يېقىن كۆپەيگەن.

  يۇقۇم ئەھۋالىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ب د ت 15-فېۋرال شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: گەرچە يۇقۇم ئەھۋالى كونگوغا قوشنا دۆلەت ئۇگانداغا تارقالغان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇنى يەنىلا دۆلەت ۋە رايون دائىرىسىدىكى سەھىيە خىرىسى، دەپ قارايدۇ. كومىتېت مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، گەرچە ئېبولا يۇقۇم ئەھۋالى كونگو ۋە ئالاقىدار رايونلاردا جىددىي سەھىيە ۋەقەسىگە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا «خەلقئارا كۆڭۈل بۆلۈدىغان تاسادىپىي جامائەت ساغلاملىقى ۋەقەسى»نى شەكىللەندۈرۈش شەرتىنى ھازىرلىمىغان، دەپ قارايدۇ. بۇ كېسەللىك ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار ياكى ھايۋانلارنىڭ قېنى، بەدەندىن چىققان سۇيۇقلۇقى، ئاجراتما سۇيۇقلۇقى ۋە چىقىرىندىلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ئۆلۈش نىسبىتى %50 تىن %90 كىچە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ