چېرنوبىل ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يېڭى ئاكوپى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2019.07.12 16:38 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنىسكى (ئوتتۇرىدا) چېرنوبىل ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، يېڭى ئاكوپنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىردى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇكرائىنا چېرنوبىل ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يېڭى ئاكوپىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى 10-ئىيۇل دۆلەت ھالقىغان شېرىكلەشكەن شىركەت «نوۋاكا»دىن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى ھەمدە ئاكوپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  چېرنوبىل ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 110 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىغا جايلاشقان. 1986-يىلى 4-ئاينىڭ 26- كۈنى، بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 4- نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ رېئاكتورى پارتلاپ، ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىش تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ھادىسە بولۇپ قالدى. يادرونىڭ يەنىمۇ ئېقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى سېمونت بىلەن «تاش تاۋۇت» ياساپ، 4-نومۇرلۇق رېئاكتورنى ئالدىراپلا پېچەتلىدى.

  10 نەچچە يىل ئىلگىرى «تاش تاۋۇت»تا يېرىق پەيدا بولۇشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن يېڭى ئاكوپ قۇرۇلۇشى كۈنتەرتىپكە قويۇلدى. يېڭى ئاكوپ قۇرۇلۇشى 2012-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئاساسىي گەۋدە قىسمى 2016-يىلى 11- ئاينىڭ ئاخىرى پۈتتى ھەمدە 4-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى رېئاكتورىنىڭ «تاش تاۋۇتى»نىڭ ئۈستىنى قاپلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ