خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر بىردەك ھالدا ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك مۇراجىئەت قىلدى

2019.07.11 15:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ 7- ئاينىڭ 10- كۈنى ئاۋستىرىيە ۋيېنادا تارتىلغان خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنى كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇنقى نەق مەيدان.

  خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنى كېڭىشى 10- ئىيۇل ۋيېنادا ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ، ئىراننىڭ ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى قاراپ چىقتى. جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە ، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق مەزكۇر كېڭەشكە ئەزا 35 دۆلەت يىغىنغا قاتناشتى، ئىران ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ۋەكىللەر يىغىندا سۆز قىلدى. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھەربىي كونترول مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى فۇ سۇڭ ئۆمەك باشلاپ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ