ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە تۈركىيەچە زەيتۇن مېيىدا چېلىشىش

2019.07.09 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 7-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئېدىرنىدا چېلىشىش ماھىرلىرى زەيتۇن ماي چېلىشىش مۇسابىقىسىدە مۇسابىقىلىشمەكتە. شۇ كۈنى 658-نۆۋەتلىك زەيتۇن ماي چېلىشىش مۇسابىقىسى تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەھەر ئېدىرنېينىڭ شەھەر سىرتىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىدە، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەرلەر پەقەت خۇرۇم ئىشتان كىيىپ، پۈتۈن بەدىنىگە زەيتۇن مېيىنى سۈركەپ، ئىككى-ئىككىدىن گۇرۇپپا بولۇپ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبە قىلغۇچى ئالتۇن بەلباغ ۋە «ئالىي چېلىشىش ماھىرى» دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ