مىزوتاكىس گرېتسىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى بولدى

2019.07.09 17:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، گرېتسىيەنىڭ ئافىنا شەھىرىدە، گىرىتسىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى كىرىياكوس مىزوتاكىس (ئالدىدىكى كىشى) قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. گرېتسىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى كىرىياكوس مىزوتاكىس 8-ئاۋغۇست ئافىنادا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى، گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلوپلوس ئۇنىڭغا يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقى بەردى. 7-ئىيۇل گرېتسىيە پارلامېنت سايلىمىدا، مىزوتاكىس رەھبەرلىكىدىكى يېڭى دېموكراتلار پارتىيەسى پارلامېنتتىكى 300 ئورۇن ئىچىدە 158 ئورۇننىڭ بېلىتىگە ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ