ترامپ پانمۇنجومدا كىم جۇڭئېن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى

2019.07.01 15:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30- ئىيۇن، كورېيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ پانمۇنجومدا چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېن بىلەن كۆرۈشتى. ئارقىدىن، ترامپ ھەربىي چېگرا سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ چاۋشيەنگە كېلىپ، چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن بۇيان چاۋشيەن دۆلەت زېمىنىغا تۇنجى كەلگەن ئامېرىكا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭتۇڭى بولۇپ قالدى.

  بۇ، ترامپ بىلەن كىم جۇڭئېننىڭ سىنگاپور ئۇچرىشىشى ۋە خانوي ئۇچرىشىشىدىن كېيىنكى 3- قېتىملىق ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ. ئارقىدىن، ترامپ قايتا كىم جۇڭئېن بىلەن بىرگە يەنە بىر قېتىم ھەربىي چېگرا سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كورىيەگە كېلىپ، كورىيە زۇڭتۇڭى مون جەيئىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شۇ كۈنى بۇرۇنراق، مون جەيئىن يەنە چوڭۋادەيدە ترامپ بىلەن بىر سائەت سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ