ب د ت: ھەرقايسى تەرەپلەر ئىران يادرو كېلىشىمىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشى كېرەك

2019.06.28 14:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26- ئىيۇن، نيۇيوركتىكى ب د ت نىڭ باش ئىشتابىدا، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ ئاشكارا يىغىنىنى ئاچتى. ب د ت نىڭ سىياسىي ۋە تىنچلىق ساقلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى دىكارلو 26- ئىيۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ۋە ئىراندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىنقى بىر مەزگىلدىكى بىر قاتار تەدبىرلىرى ئەسلىدە ئاسانغا چۈشمىگەن ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنى خىرىسقا دۇچ كەلتۈردى، ھەرقايسى تەرەپلەر يەنىلا ئومۇمىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئىران يادرو كېلىشىمىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ