20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي ئوساكاغا نەزەر

2019.06.27 16:33 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 28-ئىيۇندىن 29-ئىيۇنغىچە ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئوساكا شەھىرى ياپونىيەنىڭ بېنجۇ ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئوساكا قولتۇقى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، سېتو ئىچكى دېڭىزىغا يېقىن، ئوساكا مەھكىمىسىنىڭ مەركىزى ۋە كانساي رايونىنىڭ سودا-سانائەت ۋە سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى مەركىزى. ئوساكا شەھىرى ياپونىيەنىڭ ئۈچ چوڭ شەھەر چەمبىرىكىنىڭ بىرى بولغان كىنكى شەھەر چەمبىرىكىنىڭ مەركىزىي شەھىرى بولۇپ، كۆلىمى 225 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى 2 مىليون 720 مىڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ