مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ب د ت ئاياللار مەھكىمىسى: دۇنيا مىقياسىدا ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئەھۋال يەنىلا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت

2019.06.27 14:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت ئاياللار مەھكىمىسى 25- چېسلا ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ئاياللارنىڭ ئورنى ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا داۋاملىق ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن، دۇنيا مىقياسىدا «ئائىلە قىممەت قارىشى» نامى بىلەن ئاياللارنى ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدىغان، ئاياللارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ئەھۋاللار ۋە جىنسى باراۋەرسىزلىك ئەھۋاللىرى يەنىلا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەن.

  «2019- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە دۇنيا ئاياللىرىنىڭ تەرەققىياتى: دۇنيانى ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى ئائىلىلەر» دېگەن تېمىدا بېرىلگەن بۇ دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدا، ئەر-ئاياللار ۋە پەرزەنتلەردىن تەركىب تاپقان ئائىلە نىسبىتى پۈتۈن ئائىلىنىڭ %38نى ئىگىلىگەن، باشقا تۇغقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ ئائىلە تەخمىنەن %27نى، جورىسىز ئائىلە تەخمىنەن %8نى ئىگىلىگەن. جورىسىز ئانا دائىم مائاش ئېلىپ خىزمەت قىلىش، بالا بېقىش ۋە ئائىلە ئەمگىكى قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى قولغا كەلتۈرىدىكەن.

  دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 3 مىليارد ئايال ۋە قىزلار توي ئىچىدە تۇرۇپ باسقۇنچىلىق قىلىنىدىغان ئەمما جىنايەت دېلوسى تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلمەيدىغان دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتىدۇ؛ دۇنيادىكى بەشتىن بىر قىسىم دۆلەتلەردە، ئاياللار ئەرلەر بىلەن تەڭ دەرىجىلىك بولغان ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.

  دوكلاتتا دېيىلىشىچە، گەرچە ئاياللار ئەمگەك كۈچى بازىرىغا ئۈزلۈكسىز كىرىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن، تويلىشىش ۋە ئانىنىڭ سالاھىيىتى ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇناسىپ كىرىمى ۋە پاراۋانلىقىنى ئازايتقان. دۇنيا مىقياسىدا بويتاق ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى تەخمىنەن %67 بولۇپ، 25 ياشتىن 54 ياشقىچە بولغان ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %50تىن يۇقىرى بولغان. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئاياللار ئەرلەردىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق ھەقسىز پەرۋىش قىلىش ۋە ئۆي ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

  دوكلاتتا، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تەدبىر قوللىنىپ، ئائىلىنى باراۋەر ۋە ھەققانىي سورۇنغا ئايلاندۇرۇپ، ھەر بىر ئايالنى ئائىلىدە تاللاش ھوقۇقىغا ۋە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىگە يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  دوكلاتتا، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئاكتىپ سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىپ، ئاياللارنىڭ ياشاش ھالىتىنى يەنىمۇ ياخشىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇ سىياسەتلەر مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئائىلە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلىش، ئاياللارنىڭ توي قىلىش-قىلماسلىق، شۇنىڭدەك توي قىلىش ئوبيېكتى ۋە ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاياللارنى ئائىلە بايلىقىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشتۈرۈش؛ جامائەت مۇلازىمىتى، بولۇپمۇ مائارىپ ۋە كۆپىيىش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىگە مەبلەغ سېلىپ، ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ تۇرمۇش تاللاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش؛ قانۇن-سىياسەت ئارقىلىق، ئاياللار ۋە قىزلارغا قارىتا زورلۇق ئىشلىتىپ زىيانكەشلىك قىلىشتەك قىلمىشلارنى تۈگىتىش ھەمدە زوراۋانلىقتىن قۇتۇلۇپ ھايات قالغانلارنى قانۇن جەھەتتىن قوللاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ