رۇسىيەدە ۋەتەن ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 78 يىللىقى خاتىرىلەندى

2019.06.24 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن (ئوتتۇرىدىكى سولدىن ئۈچىنچى كىشى) ۋە زۇڭلى مېدۋېدېۋ (ئوتتۇرىدىكى سولدىن ئىككىنچى) ۋەتەن ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 78 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  1941-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، گېرمانىيە فاشىستلىرى «سوۋېت- گېرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى»نى يىرتىپ تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا زورلۇق بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ كىردى، شۇنىڭ بىلەن ۋەتەن ئۇرۇشى باشلاندى. 6-ئاينىڭ 22-كۈنىنى رۇسىيە ھۆكۈمىتى «خاتىرىلەش ۋە تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى» قىلىپ بېكىتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ