مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىش پەقەت ئەكسىچە نەتىجە بېرىدۇ

2019.06.24 15:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئوبزوردا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى باھانە قىلىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيۇتېر كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەش جۇڭگو كارخانىسىنى ئېكسپورتنى تىزگىنلەش «ئەمەلىي تىزىملىكى»گە كىرگۈزدى، ئۇنىڭ مەقسىتى خۇاۋېينىڭ 5G تېخنىكىسىنى چەكلىگەنگە ئوخشاش، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش.

  جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئوساكا باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىش ھارپىسىدا، ئامېرىكىنىڭ بۇ تەدبىرنى قوللىنىشتا، جۇڭگوغا يەنىمۇ بېسىم ئىشلىتىپ، ئىقتىساد-سودا كېڭىشىگە تېخىمۇ كۆپ پىشكا توپلاش غەرىزى بار. بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئارگېنتىنا ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشىغا خىلاپ، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېقىنقى تېلېفون سۆھبىتىنىڭ روھىغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

  ئوبزوردا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئەگەر جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىسا، جۇڭگو «ئىشەنچسىز ئەمەلىي تىزىملىك» تۈزۈمىگە ئاساسەن، سودىدىن باشقا مەقسەتتە، نورمال بازار قائىدىسى ۋە توختام روھىغا خىلاپلىق قىلغان چەت ئەل ئەمەلىي گەۋدىلىرىگە تەدبىر قوللىنىدۇ.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، سوقۇشسا ھەممىگە زىيانلىق. قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش جۇڭگوغا ھىچقاچان كارغا كەلمەيدۇ، پەقەت ئەكسىچە نەتىجە بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ