مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بېشكەك باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى

2019.06.18 16:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  خەلقئارا جەمئىيەت دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىگە ئىجابىي باھا بېرىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ زىچ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى، دەپ قارىدى.

  قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى شېرادىل باقىتگولوف مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشى باراۋەرلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى، بۇ دۇنيا تەرەققىيات قارالمىسىدا ھەر بىر دۆلەتنىڭ باراۋەر ئاۋاز چىقارسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ قاراش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى ئىدىيەنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە پايدىلىق .

  ئافغانىستاننىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى، «ئىسلاھات گېزىتى»نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى شەمسۇل خاك ئەنفار مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىش، بارلىق دۆلەتلەر باراۋەر تەرەققىي قىلىش، باراۋەر پايدا ئېلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە ئورتاق نىشانغا ئىگە بولۇش تەشەببۇس قىلىنغان، بۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، رايون توقۇنۇشى ۋە نامراتلىق قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارنى تۈگىتىشىگە پايدىلىق.

  نېپال كاتماندۇ قانۇنشۇناسلىق شۆيۇەنىنىڭ پىروفېسسورى يۇبالاجيې مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە پۈتۈن دۇنياغا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشقا ئىنتىلىپ، كەلگۈسى ھەمكارلىقتىن تەڭ بەھىرىلىنىش، قورۇقچىلىق ۋە نۆل يىغىندىلىق ئويۇننى رەت قىلىشتەك مۇھىم ئۇچۇر يەتكۈزۈلدى، جۇڭگونىڭ تىنچلىق، ھەمكارلىققا بولغان ئىرادىسى ۋە ۋەدىسى تولۇق ئىپادىلەندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ