مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مالايسىيانىڭ دىپلوماتىيە مېنىستىرى سەيپىدىن: «بىر بەلباغ، بىر يول»ھەر قايسى تەرەپلەرگە پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ

2019.06.18 16:33 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مالايسىيانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سەيپىدىن يېقىندا پۇتلاجايادا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى غەرب دۆلەتلىرى سودا قورۇقچىلىقىنى يولغا قويۇپ، پەقەت ئۆز مەنپەئەتىنىلا كۆزلەۋاتىدۇ، بۇنداق قىلىش خەلقئارا سودىغا پايدىسىز؛ جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، مالايسىيا غايەت زور پۇرسەتنى كۆردى ھەمدە بۇنىڭغا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  سەيپىدىن مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتا «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش» مۇھىم نوقتا قىلىنغان، مالايسىيا بۇنىڭدىن غايەت زور پۇرسەتنى كۆردى، ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كۆپ ساندىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەييار لايىھەنى كۆچۈرۈپ كېلىشى ھەمدە باشقا دۆلەتلەردىن شۇ پېتى ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلىشىغا ئوخشىمايدىغىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قاتنىشىشى ۋە تەڭ بەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىدۇ، مالايسىيا بۇنى ناھايىتى ئېتىراپ قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ