مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ليۇ بىن: جۇڭگو تاجىكىستان مۇناسىۋىتى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى ھازىرلىدى

2019.06.17 16:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ بىن يېقىندا، دۈشەنبىدە جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تاجىكىستان مۇناسىۋىتى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىشىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى ھازىرلىدى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور پۇرسەتنى كۈتۈۋېلىپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

  ليۇبىن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن تاجىكىستاندا يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يىپيېڭى بىر سەھىپە ئىچىپ، جۇڭگو تاجىكىستان ھەمكارلىقىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلەردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا. جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان ياخشى قوشنىلار، ياخشى دوستلار، ياخشى شېرىكلەر، ياخشى قېرىنداشلار، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆز ئارا قوللىشىپ كەلدى. تاجىكىستان «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن تاجىكىستاننىڭ 2030-يىلدىن ئىلگىرىكى دۆلەت تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنى چوڭقۇر تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى پائال قوللاپ، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

  ليۇ بىن مۇنداق دېدى: يېقىندا دۇشەنبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنى ئاسىيا ئۆز ئارا ماسلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىر كېڭەش مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر قىتىملىق باشلىقلار يىغىنى. يىغىنغا قاتنشىدىغان ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ئاسىيا رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، ئاسىياچە خەۋپسىزلىكنى تۈزەش قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ رايون مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئاسىيا ئۈچۈن تېخىمۇ گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ