دۆلەت رەئىس شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى. قىرغىزىستاندىكى ھەر ساھە ئەرباپلىرى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ ياخشى قوشنىسى، ياخشى دوستى، ياخشى شىرىكى، ياخشى قېرىندىشى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.
قىرغىزىستان دىپلوماتىيە مىنىسىتىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى مۇراتبېك ئىمانئالىيىف مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىساد سودا، ئادىمىيەت ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى؛ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىقى تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.
ئىلگىرى قىرغىزىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ماسلاشتۇرۇش ئەمەلدارى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىلىنا ئوروبايىۋا قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسىرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت بىر يۈرۈش ھەمكارلىقلاردا ئورتاق مەنپەئەتكە ئېرىشسە بولىدۇ دېدى.
بىشكەك شەھەر ئاھالىسى ئوتىناي مۇنداق دېدى: بىشكەكنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى تاشيول قۇرۇلۇشى، رېمونت قىلىنىۋاتقان جەنۇب شىمال تاشيولى قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا جۇڭگولۇقلارنىڭ سىماسى بار. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشى قىرغىزىستانغا نىسبەتەن چوڭ ئىش، قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىنى كەلگۈسىدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى، قىرغىزىستان خەلقىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بەھرىمان بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ