مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئېچىلدى

2019.06.17 16:08 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. نۇرغۇن ئەللەردىكى زاتلار: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە جۇڭگونىڭ ئاسىيانىڭ ئەبەدىي تىنچلىقى ۋە تەڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى تەشەببۇسىنى شەرھىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ چۈشەنچ، ئىشەنچ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەڭ پايدا كۆرۈپ، ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات يېڭى قېلىپىنى يارىتىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، دېيىشتى.

  قاتار ئاگېنتلىقى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خالاد بىنال مۇنداق دېدى: بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش، بىر-بىرىگە ئىشىنىش ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئەللەر مۇناسىۋىتى، رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك. رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە شەرھىلىگەن تەشەببۇس ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون ماجراسىنى ئازايتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقىنى قوغداشقا پايدىلىق.

  ئىران تېھران داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتىتىنىڭ پىروفىسسورى فىيوئەت يىزاد شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىكى «سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش، باراۋەر، ئۆز ئارا ئۆزنەرك ئالىدىغان، سۆزلىشىدىغان، سىغدۇرۇشچان مەدەنىيەت قارىشى تىكلەش» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ناھايىتى قۇۋۋەتلىدى. ئۇ: جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات يېڭى قېلىپىنى يارىتىشقا پايدىلىق، دەپ قارىدى.

  مىسىر سۆزلىشىش سىياسىتى ۋە تاراتقۇ تەتقىقات مەركىزى جۇڭگو تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مائىد ئازراق مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھالدا بىر-بىرىگە باغلىدى، ئۇنىڭ تەشەببۇسى سىياسىيدا بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغان ئاسىيا قۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق قاتارلىق رايون مەسىلىلىرى ۋە خىرىسلارنى ھەل قىلىپ، پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى فاتاف مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسى ئابباس زاكى مۇنداق دېدى: پەلەستىن رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆز ئارا ئىشىندىغان، بىخەتەر، مۇقىم، تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان ئاسىيا قۇرۇش تەكلىپىنى قەتئىي قوللايدۇ. پەلەستىن-ئىسرائىلىيە زىددىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئاسىيا مەسىلىلىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان ياخشىلانمىدى، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب بىر-بىرىگە بولغان ئىشىنىشنىڭ ئاجىزلىقىدا. پەلەستىن جۇڭگونىڭ پائال تۈرتكىسىدە ئاسىيانىڭ كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدكە تولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

  ئۆزبىكىستان تاشكەنت دۆلەتلىك شەرق شۆيۈەنى سىياسەتشۇناسلىق فاكولتىتىنىڭ دوتسېنتى شەربوف رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقان «تەرەققىيات بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئالتۇن ئاچقۇچ» بۇ سۆزنى ناھايىتى قۇۋەتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رايون ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىش ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى رايونلارنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى دۇنياغا تىنچلىق ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدۇ.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېيىمىسى يىراق شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاسلى كاشىن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە جۇڭگونىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىنى تەڭبەھىرلىنىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىگە تېخىمۇ قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ سىياسەت، تەشەببۇسلار ناھايىتى جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.

  ئەزەربەيجان دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرق تەتقىقات ئورنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى رەپىق ئاباسوف مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە جۇڭگونىڭ ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى مەيدانىنى مەركەزلىك شەرھىيلەپ، ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىشىنىشنى ئاشۇرۇپ، گۇماننى تۈگىتىپ، تەڭ ئۇتۇق قازىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو خەلقارادا تەسىرگە ئىگە چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

  پاكىستان جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئىقتىدار قۇرۇلۇشى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياشار مەخسۇد مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش ۋە ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنى قوللايدىغان تەشەببۇس ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، يەككچىلىك، قورۇقچىلىقتىن ساقلىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

  ئىسرائىلىيە ئىسرائىلىيە-جۇڭگو تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇدىرى فىزنەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزدىكى جۇڭگو تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ماڭىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھىرلىنىدۇ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدۇ، دېگەن نۇقتىلارغا دىققەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: خەلقئارا ۋەزىيەت كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان ۋە يەر شارى سودا تەرتىپى تەھدىدكە ئۇچراۋاتقان پەيتتە، جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى خەلقئارا سىستېمىنى قوغداش مەيدانىنى بىلدۈرۈشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كورېيە يۇڭخې داشۆسىنىڭ خەلقئارا سىياسەتشۇناسلىق پىروففىسورى جۈزەييو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى رايون ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگونىڭ داۋاملىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش، ئاسىيانىڭ ھەمكارلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىگە قاتنشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنى رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدا تېخىمو زور رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى كۈتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ