رۋاندا زۇڭتۇڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئافرىقا سىجىلچان تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تۆت چوڭ مەسىلىگە دۇچ كەلدى، دېدى

2019.06.17 16:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئاينىڭ 14- كۈنى، رۋاندا كىگالىدا، كىشىلەر يىغىنغا قاتناشتى. شۇ كۈنى رۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې ب د ت نىڭ سىجىلچان تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئافرىقىدا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىنىدا دوكلات ئېلان قىلدى ھەمدە سۆز قىلىپ، ئافرىقا ھازىر ب د ت نىڭ 2030- يىللىق سىجىلچان تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، سانلىق مەلۇماتلار مۇكەممەل بولماسلىق، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتى ئاستىلاپ كېتىش، ئىجرا قىلىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىمۇ دېگەندەك مۇكەممەل بولماسلىق ۋە مەبلەغ يېتىشمەسلىك قاتارلىق تۆت مۇھىم مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە، دېدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ئېن دەيجيا فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ