دۆلەت ھالقىغان تېلېگىراف كارخانىسى ۋودافون 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىسپانىيەدە تۇنجى سودا ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان 5G كۆچمە خەۋەرلىشىش تورىنى رەسمىي باشلىدى، تۇنجى تۈركۈمدە 15 شەھەرنى قاپلىدى، خۇاۋېي بولسا يادرولۇق ئەسلىھە بىلەن تەمىنلىگۈچى بولدى.
تونۇشتۇرۇلىشىچە، ئىسپانىيەدىكى 5G ئابونېتلىرى ھەر سىكۇنتىغا 1G چۈشۈرۈش سۈرئىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە سۈرئىتىنىڭ سىكۇنتىغا 2G غا تېزلىشىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. 4G بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 5G تورىنىڭ كېچىكىشى ناھايىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئاپتوماتىك ھەيدەش، يىراق مۇساپىدىن داۋالاش ۋە مەۋھۇم رېئاللىق قاتارلىق تېخنىكىلارغا ئاساس سالىدىكەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ