مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى تەشكىلاتى سرىلانكىدا پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان گۇماندارنى تۇتاشقا ياردەملەشتى

2019.06.17 09:18 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  باش ئورگىنى فرانسىيەنىڭ لىئوندا تەسىس قىلىنغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى تەشكىلاتى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى تەشكىلاتى بۇ يىل 4-ئايدا سرىلانكىدا پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جىنايەت گۇماندارلىرىغا قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغاندىن كېيىن، بىر ئاساسلىق گۇماندار يېقىندا قولغا چۈشتى، ھەمدە 6-ئاينىڭ 14-كۈنى سرىلانكىغا ئېلىپ كېلىندى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ گۇماندارنىڭ ئىسمى ئەخمەت مىرخان ھاياتۇل مۇھەممەت بولۇپ، سرىلانكىلىق، بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن، تېررورلۇق جىنايىتى ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايى بىلەن چېتىشلىق بولغاچقا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. ئۇ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا قولغا چۈشكەن بولۇپ، 6-ئاينىڭ 14-كۈنى باشقا تۆت نەپەر گۇماندار بىلەن بىرلىكتە سرىلانكىغا ئېلىپ كېلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ