ئافغانىستان: خىش زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان بالىلار

2019.06.13 15:03 مەنبە: خەلق تورى

  6- ئاينىڭ 12- كۈنى، بالا ئىشچىلار ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىكى بىر خىش زاۋۇتىدا ئىشلىمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بالا ئىشچى ھادىسىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا بالا ئىشچى مەسىلىسى يەنىلا كەسكىن. نامراتلىق ۋە يىلمۇيىل ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئافغانىستان بالىلىرىغا غايەت زور زىيان سالدى، نۇرغۇن بالىلار بالا ئىشچى بولۇپ قالدى. 2002- يىلى 6- ئايدا جەنۋەدە ئېچىلغان 90- نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەمگەكچىلەر يىغىنىدا ھەر يىلى 6- ئاينىڭ 12- كۈنىنى «دۇنيا بالا ئىشچىلار كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بالا ئىشچىلار مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشقا ھەمدە ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (راخمات ئارىزادا فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ