مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇتەخەسسىسلەر: ئامېرىكا ھە دېسىلا «ئامېرىكىچە تەپەككۇر» ئارقىلىق جۇڭگوغا ھۆكۈم قىلسا ۋە باھا بەرسە، ئاقىۋەتتە دۇنيا تەرك ئېتىدۇ

2019.06.12 15:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا، ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە پۈتۈنلەي پەرۋا قىلماي، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ماھىيىتىنى نەزەرگە ئالماي، ئارقا-ئارقىدىن ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشى قوزغاپ، جۇڭگوغا ئۆز ئالدىغا تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش تەدبىرى قوللاندى. فۇدەن داشۆسى جۇڭگو تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېيۋېي مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھە دېسىلا «ئامېرىكىچە تەپەككۇر» ئارقىلىق جۇڭگوغا ھۆكۈم قىلسا ۋە باھا بەرسە، ئاقىۋەتتە دۇنيا تەرك ئېتىدۇ.

  1976-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نىكسون جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكىدىكى «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ مۇقاۋىسىغا جۇڭگو رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭنىڭ سۈرىتى بېسىلغان ھەمدە: «جۇڭگو: دوستمۇ ياكى دۈشمەنمۇ؟» دەپ سوئال قويۇلغان. كېيىنكى 40 نەچچە يىلدا، بۇ مەسىلىنى ئامېرىكىلىقلار كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى. فۇدەن داشۆسى جۇڭگو تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېيۋېي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇنداق سوئال «يا ئاق يا قارا دەپ ئېنىق ئايرىيدىغان، ئاق بولمىسىلا قارا بولىدۇ»، دەيدىغان تىپىك «ئامېرىكىچە تەپەككۇر»نى ئەكس ئەتتۈرگەن، بىز ھازىر ئۇنى «نۆل يىغىندىلىق ئويۇن» دەپ ئاتايمىز، بۇنىڭدا يا دوست، يا دۈشمەنلا بولىدۇ. بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ تەپەككۇرى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، جۇڭگولۇقلار ئەمەلىيەتتە بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك تەپەككۇر قىلىدۇ، ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكىنى تۈگىتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئويلايدۇ.

  جاڭ ۋېيۋېي مۇنداق دېدى: بۇنداق «ئامېرىكىچە تەپەككۇر»گە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى مۇرەسسە قىلىش ۋە ئۆزىنى قاچۇرۇش بولماستىن، بەلكى ئۇرۇش قىلىشتىن ھەرگىز قورقماسلىق، ئۇرۇش قىلىمىز دېسە ئاخىرغىچە ئېلىشىش. جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككىلى تەرەپ زىيان تارتىدۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. مۇشۇنداق توقۇنۇشتىن كېيىن، ئامېرىكىلىقلار جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى توسۇشقا ھېچقانداق ئامالى يوقلۇقىنى، جۇڭگونى يېتىم قالدۇرىمەن دەپ ئۆزىنىڭ يېتىم قالغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ