مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەگە قىلغان زىيارىتىنىڭ نەتىجىسىگە ئىجابىي باھا بەردى

2019.06.11 15:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، رۇسىيەدىكى نۇرغۇن مۇتەخەسسىلەر بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئىجابىي باھا بېرىپ، زىيارەت نەتىجىسى مول بولدى دەپ ھىسابلىدى، ھەمدە رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن زور ئۈمىد كۈتتى.

  رۇسىيە ئالىي ئىقتىساد شويۇەنى قارىمىقىدىكى ياۋروپا ۋە خەلقئارا ئۇنىۋېرسال تەتقىقات مەركىزى خەلقئارا سىياسىي-ئىقتىساد تېما باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ۋاسىلى كاشېن مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇش رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا دائىملىق ئىشقا ئايلاندى، بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە رۇسىيە-جۇڭگو باشلىقلىرى 30 غا يېقىن ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋا بولدى.

  رۇسىيە ئالىي ئىقتىساد شويۇەنى شەرقشۇناسلىق كافېدراسىنىڭ مۇدىرى ئالېكسېي ماسلوف مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو بىرلىكتە تەدبىر قوللىنىپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشنى قوللاپ، بىر تەرەپچلىك ۋە قورۇقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىساد ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى ئالىكساندىر رومانۇف مۇنداق دەپ ھىسالىدى: رۇسىيە-جۇڭگو باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم سۆزى ئارقىلىق تاشقى بېسىم ئېلىپ كەلگەن يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىس ئالدىدا، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى تېپىپ چىقىدىغانلىقى، مەسىلىلەرنى ئورتاق بىر تەرەپ قىلغاندا ئۆزئارا ئىشىنىدىغانلىقىنى،بىر بىرنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە.

  موسكۋا دۆلەتلىك داشوسى دۆلەت سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ۋلادىمىر ياكۇنن مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى رۇسىيە ـ جۇڭگو ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى ساھەلەرنى ئاچتى، ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ