ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يېقىندا بۇرۇنقىدەكلا دوستانە مۇھىت يارىتىپ، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئالىملارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ خەلقئارا ئوقۇغۇچى مەنبەسىنىڭ ئازىيىشى، ئىلمىي تەتقىقات پائالىيىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكىدىن ئەندىشە قىلدى.
چىكاگو داشوسىنىڭ مۇدىرى روبېرت زىمېر يېقىندا مۇنداق دېدى: چىكاگو داشوسى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئالىملارنىڭ كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو داشوسى بىلەن كۆپ ساھەلەردە ھەمكارلىشىش ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنى چۈشىنىشكە پايدىلىق، بۇ ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
ئىللىنوئىس داشوسى ئېبانا-شامپېرن شۆبە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن ئىلمىي مۇدىرى كېۋىن پېتس مۇنداق دېدى: جۇڭگو بۇ مەكتەپتنىڭ ئەڭ چوڭ خەلقئارا ئوقۇغۇچى مەنبەسى، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ ئىلىم-پەندە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بىز داۋاملىق تىرىشىپ، مەكتىپىمىزنىڭ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئالىدىغان جاي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
مىچىگان داشوسىنىڭ مۇئاۋىن ئىلمىي مۇدىرى جامېس خولوۋېي مۇنداق دېدى: ھازىر بۇ مەكتەپتىكى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمىغا يېقىنى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار. خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە ھەر خىل ئىجادىي قاراش ۋە ئىدىيە جەھەتتە ھاياتىي كۇچ ئېلىپ كەلدى.
مارىلاند داشوسىنىڭ مۇدىرى لۇ داۋكۇي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىلىم-پەن، تېخنىكا، قۇرۇلۇش ۋە ماتېماتىكا پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە تەڭدىن تولىسى خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، % 30 جۇڭگودىن كەلگەن. ئەگەر خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار بولمىسا، ئامېرىكا يۇقىرىقى پەنلەردە ئۈستۈنلۈكنى يوقىتىدۇ.
ستانفورد داشوسىنىڭ مۇدىرى مارك تېسيې لاۋىگنې ۋە ئىلمىي مۇدىرى پوسسىس درېر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ستانفورد داشوسى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئالىملارنى قارشى ئالىدۇ، بارلىق شەكىلدىكى بىر تەرەپچىلىك ۋە كەمسىتىشنى رەت قىلىدۇ.