مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا توردا مەخپىيەتلىك ئوغرىلىغۇچى ئەڭ چوڭ ئوغرىدۇر

2019.06.11 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا پۈتۈن يەر شارىدا توردا مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاش پائالىيىتىنى ئەزەلدىن توختاتمىدى. ئامېرىكىنىڭ تور ھۇجۇمىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى قاراتمىلىقى، يوشۇرۇنۇشچانلىقى ۋە تېخنىكىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى تۈپەيلىدىن، كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ بۇ تور ھۇجۇم ھەرىكىتىنى بايقاش ۋە مەنبەسىنى تېپىش قىيىن بولماقتا. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئاپپاراتلىرىنىڭ تور ھۇجۇمى ھەرىكىتىنىڭ كۆپ قېتىم ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تاشقى دۇنيانىڭ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئاپپاراتلىرىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى تور ھۇجۇمى ئارقىلىق مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاش ئەھۋالىنى تېخىمۇ كۆپرەك چۈشىنىشىگە پۇرسەتلەر يارىتىلدى.

  تور بىخەتەرلىكى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە كەسىپ ساھەسىدىكىلەر شۇنداق دەپ قارايدۇكى، زومىگەرلىك دەرىجىسىگىچە ئەۋج ئالغان ۋە ئۇنى يوقىتىش لازىم بولغان ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك سىجىل تەھدىت ( A P T ) تەشكىلاتى، يەنى،«تەڭلىمە» ۋە «سولۇن كۆزى»نىڭ ئارقا تىرىكى دەل ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى (NSA) ئىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە، «تەڭلىمە» تەشكىلاتى 2000- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى 43 دۆلەت ۋە رايوننىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي ئاپپاراتىغا شۇ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك سىجىل تەھدىت تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىنى يۈرگۈزگەن، جۇڭگونىڭ شۇ خىل ھۇجۇمغا ئۇچرىغان قېتىم سانى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. «سولۇن كۆزى» تەشكىلاتى بولسا، ئاساسلىقى جۇڭگو ۋە رۇسىيەگە قارىتا تور جاسۇسلۇقى ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپ، سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاشنى ئاساس قىلغان. ئۇنىڭ جۇڭگو رايونىغا قاراتقان ھۇجۇمىدا نەچچە يۈز كومپيۇتېر تېرمىنالى تەسىرگە ئۇچرىدى.

  ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاشتىكى مەقسىتى دۆلەت ئاخباراتىنى ئوغرىلاشلا ئەمەس، سودا ئۇچۇرلىرىمۇ ئۇلارنىڭ نىشانىدۇر. ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تور ھۇجۇمى ئارقىلىق مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئادىل بولمىغان ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىگە ياردەم قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى بىر داڭلىق دېلو مىسالى بولسا، NSA 2013- يىلى «قارا مەرۋايىت» (Blackpear) پىلانىدىن پايدىلىنىپ، بىرازىلىيە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى (Petrobras)نى داۋاملىق نازارەت قىلغان بولۇپ، ھەر 72 سائەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىرازىلىيە نېفىت شىركىتى توغرىسىدىكى بىر پارچە يېڭىلاش دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالىدىكەن. شۇ چاغدىكى بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسېف مۇنداق دېگەن: ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل تور ھەرىكىتىنىڭ مۇددىئاسى ھەرگىزمۇ بىخەتەرلىكنى ئويلىشىش ياكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بولماستىن، بەلكى «ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيە» غەرىزىدە بولغان سودا جاسۇسلۇقى قىلمىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

  مەيلى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاش بولسۇن ياكى سودا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاخباراتىنى ئوغرىلاش بولسۇن، ئامېرىكا شەكسىزكى، بىر شەرمەندىلىك تارىخىغا ئىگە. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇ تېخى دائىم قوشنىسىنىڭ پالتا ئوغرىلىشىدىن گۇمانلىنىش روھىي ھالىتى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنى ئەيىبلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ