كۆز ئالدىدىكى ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، توقايېفنىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئالدىنقى ئورۇندا ئىكەن

2019.06.10 14:45 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 9-كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇر-سۇلتاندا، ھازىرقى زۇڭتۇڭ توقايېف بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستاندىكى ئىككى ئورگان شۇ جاي ۋاقتى 10-ئىيۇن سەھەردە ئېلان قىلغان كۆز ئالدىدىكى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى توقايېفنىڭ 9-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى بولغان.

  قازاقىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستاندىكى ئىككى ئىجتىمائىي تەتقىقات ئاپپاراتى ئېلان قىلغان كۆز ئالدىدىكى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، توقايېفنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %70.13 ۋە %69.94 بولغان.

  قازاقىستاندا 9-ئىيۇن زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، جەمئىي يەتتە نامزات سايلامغا قاتناشتى. قازاقىستاننىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا ئاساسلانغاندا، زۇڭتۇڭ سايلىمىدا بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى %50 تىن ئاشقان نامزات زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىدۇ، زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ.

  قازاقىستاننىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى نەزەربايېف بۇ يىل 3-ئاينىڭ 19-كۈنى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى، ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئەسلىدە 2020-يىلى 4- ئايدا ئاياغلىشىشى كېرەك ئىدى. 3- ئاينىڭ 20-كۈنى سابىق پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسىنىڭ باشلىقى توقايېف ئاساسىي قانۇن بويىچە قەسەم بېرىپ زۇڭتۇڭ بولدى. توقايېف 4-ئاينىڭ 9-كۈنى زۇڭتۇڭ پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، قازاقىستاننىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋاقتىنى 6- ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە ئالدىغا سۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ