شى جىنپىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى، ۋاڭ خۇنىڭ سۆز قىلدى

2019.06.03 16:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5- ئاينىڭ 31- كۈنى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

  ■ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش تۈپ ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە بولۇش كونكرېت نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ■ بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى.

  ■ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ھازىر قىلىۋاتقان ئىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۇرغۇپ چىققان قىزغىنلىقىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا نەتىجە قارىشىنى تىكلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، ئىستىلنى ياخشىلاشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ماھىيەتلىك مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىش، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش تۈپ ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە بولۇش كونكرېت نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش قارار قىلىندى. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ 70- يىلى، مۇشۇ پەيتتە بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە جەھەتتە پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇشتا، بىلىش، ئىشىنىش ۋە ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاش، ئىدىيەدىن ئىبارەت بۇ رولنى چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، سۆڭەكنى قىرىپ يارىنى داۋالايدىغان جاسارەت، ئېگىلمەس - سۇنماس غەيرەت بىلەن قەتئىي تۈزەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بارلىق مەسىلىلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيەمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە داۋاملىق تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئاممىۋى نۇقتىئىنەزەر، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىدىيەدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەرىكەتتە كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشىنىشى ۋە ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك سىنىپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئۇلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى قەدەممۇقەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، نىشان - ۋەزىپىسى، ئۇسۇلى، قەدەم - باسقۇچلىرى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نىشانغا توغرىلىنىپ، پائال ئالغا سىلجىتىپ، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتىلىپ، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش − جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي غايە - ئېتىقاد بىلەن ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقتىن كەلگەنلىكىنى، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقانلىقىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماي، مەڭگۈ ئاممىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئاممىغا ئېتىبارسىز قارىماسلىق، ئاممىنىڭ دەردىگە سەل قارىماسلىق، دېگەنلىكتۇر. بۇرچنى زىممىگە ئېلىش − پارتىيەمىز زىممىسىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ساقلاپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا دادىل يۈزلىنىپ، قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە ۋە شەخسىيەتسىز، قورقماس جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، دېگەنلىكتۇر. پەرقلەرنى تېپىش − يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا سېلىشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا سېلىشتۇرۇپ، ئىلغار تىپلارغا، ئەتراپتىكى ئۈلگىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، نىشانلىق تۈزىتىش، دېگەنلىكتۇر. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش − يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش روھىي قىياپىتى ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، دېگەنلىكتۇر. «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئۆزئارا باغلىنىشلىق بىر پۈتۈن گەۋدە، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈمگە ئېرىشىشتىكى مۇھىم نۇقتا − كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەسلىدىكى ئۆگىنىش ئاساسىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت - فاڭجېنلىرىغا بولغان چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى قوللىنىپ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش. ئىدىيە، سىياسىيدا تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتا − كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلققە سادىق بولۇش، ماركسىزمغا سادىق بولۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش. ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشتىكى مۇھىم نۇقتا − كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى ۋە قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى، شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش روھىنى ساقلاپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتا − كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى، باش قاتۇرىدىغان ئىشىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتەك ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم بىلەن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش. پاك بولۇپ ئۈلگە بولۇشتىكى مۇھىم نۇقتا − كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىسىگە قارشى كۈرەش قىلىپ، قەتئىي ھالدا چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، پاك ئەمەلدار بولۇپ، دۇرۇس ئىش قىلىپ، سەمىمىي ئادەم بولۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تىرىشىپ ئەڭ ياخشى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەزىيەت، سىياسەت تەربىيەسى، ئىلغار تىپ تەربىيەسى ۋە ئىبرەت تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى ئىدىيە يىلتىزى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى، تەسىر قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەلرايىنى چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، مەسىلىنىڭ نېمىلىكى، تۈگۈننىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي تەدبىرى، قاتتىق تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتەك ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ، قايتا ئويلىنىپ، مەسىلىنى ھەقىقىي تېپىپ، يىلتىزنى چوڭقۇر قېزىپ، تىرىشىش نىشانى ۋە ياخشىلاش تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىشقا تەربىيەلەش كېرەك. «تۈزىتىش»نى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، بىلگەن ھامان تۈزىتىپ، ھازىر تۈزىتىشكە بولىدىغانلىرىنىڭ ۋاقىت چېكى ۋە تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قەرەلىدە جايىدا تۈزىتىش كېرەك؛ ۋاقتىنچە ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىرىنى چىڭ كۆزلەپ قويۇپ بەرمەي، تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، باسقۇچ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىجىل تۈزىتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار تۈزىتىشكە تېگىشلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قاراتمىلىق ھالدا تىزىپ چىقىپ، مەركەزلىك تۈزىشى كېرەك. مەخسۇس تۈزەش ئەھۋالىنى مۇۋاپىق شەكىلدە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مەخسۇس تۈزەشتە بايقالغان ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە قانات يايدۇرۇلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) ئەزالىرى «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئۆزى باشقۇرىدىغان ساھەگە بولغان يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. رەھبەرلىك ئورگىنى ۋە رەھبىرىي كادىرلار بىر قەدەم بالدۇر ئۆگىنىشى، چوڭقۇرراق ئۆگىنىشى، ئاۋۋال تۈزىتىشى، پۇختىراق تۈزىتىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، رەھبەرلىك، يېتەكچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى زىممىسىگە ئېلىپ، قاراشلىق ئورۇن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى سەييارە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا بولغان ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك پارتكوم ۋە ساھە سىستېمىسىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)لىرى سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشى كېرەك. ئىجابىي تىپلارنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەتراپىدىكى ئىشەنچلىك، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئىلغار شەخسلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ئۆرنەك قىلىشقا، ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدىغان بىر تۈركۈم ياخشى تەجرىبىلەرنى كېڭەيتىشى كېرەك. سەلبىي تىپلارنى چوڭقۇر ئوپېراتسىيە قىلىپ، دېلو مىساللىرى ئارقىلىق قانۇن - ئىنتىزامنى چۈشەندۈرۈپ، تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ھازىر قىلىۋاتقان ئىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان قىزغىنلىقىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا خىزمەت نەتىجە قارىشىنى تىكلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، ئىستىلنى ياخشىلاشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ماھىيەتلىك مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نىشان - تەلىپى ۋە نۇقتىلىق تەدبىرى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكلەشچانلىققا ئىگە بولۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى تۈپ كۆرسەتكۈچ، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن رەئىسلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر قىسىم مۇھىم تايانچ كارخانىلار ۋە ئالىي مەكتەپلەر، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ھەرقايسى گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ