جۇڭگو - روسىيە ئاقىللار ئامبىرى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى موسكۋادا باشلاندى. بۇ قېتىمقى مۇنبەر «جۇڭگو بىلەن رۇسىيە : يېڭى دەۋردىكى ھەمكارلىق» نى باش تېما قىلغان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ، ئىلىم ساھەسىدىكى 100 دىن ئارتۇق ۋەكىل ئىككى دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە ۋە تەرەققىياتى قاتارلىق تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇردى.
رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئاكىموف ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىقى ۋە ھەمكارلىقى دۇنيا مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد - سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرى مول، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش، يۇقىرى پەن - تېخنىكا ، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق .
جۇڭگو - رۇسىيە دوستلۇق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسى دەي بىڭگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى : كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىقتىساد - سودا ، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلىردىكى ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ