جۇڭگو ۋەكىلى سۇرىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ھەل قىلىش كېرەك، دېدى

2019.05.30 15:45 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 28-كۈنى نيۇيوركقا جايلاشقان ب د ت نىڭ باش ئىشتابىدا تارتىلغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۇرىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى بويىچە ئاشكارا يىغىنى نەق مەيدانى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ما چاۋشۈ 28-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ سۇرىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ب د ت ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سۇرىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سۇرىيە چېگراسى ئىچىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىنى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ھەل قىلىش كېرەك، دەپ قارايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ