2019-يىللىق ئامېرىكا كىتاب كۆرگەزمىسى باشلاندى

2019.05.30 15:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2019-يىللىق ئامېرىكا كىتاب كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

  شۇ كۈنى، 2019-يىللىق ئامېرىكا كىتاب كۆرگەزمىسى نيۇيوركتا باشلاندى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق سودىگەر بۇ نۆۋەتلىك كىتاب كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى. ئامېرىكا كىتاب كۆرگەزمىسى شىمالىي ئامېرىكا رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ كىتاب كۆرگەزمىسىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەڭ يېڭى كىتابلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ۋە تونۇشتۇرغاندىن باشقا، يەنە ئاپتور ئىمزا قويۇپ سېتىش، كىتاب نەشر مۇنبىرى قاتارلىق كۆپ خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ