جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر رۇسىيە دېڭىز بويى چېگرا رايوندا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، ئىككى ئادەم قازا قىلدى

2019.05.29 15:42 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: رۇسىيە دېڭىز بويى چېگرا رايونى ئىچكى ئىشلار ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ 28-ماي ئېلان قىلغان رۇسىيە دېڭىز بويى چېگرا رايونى ئۇسسۇرسىك شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس ئۆرۈلۈپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ نەق مەيدان سۈرىتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ۋىلادىۋوستوكتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى يەن ۋېنبىننىڭ 28-چېسلا جەزملەشتۈرۈشىچە، جۇڭگولۇق ساياھەتچى ئولتۇرغان بىر ساياھەت ئاپتوبۇسى شۇ كۈنى رۇسىيەنىڭ دېڭىز بويى چېگرا رايونىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، جۇڭگولۇق ئىككى ساياھەتچى قازا قىلغان، 13 ئادەم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 10 ئادەم داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، ئۈچ ئادەم يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا كۆزىتىلمەكتە ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ