يېقىندا، ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان تاۋارلاردىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش مەسىلىسىدە قەدەممۇ قەدەم بېسىم ئىشلىتىپلا قالماي، يەنە دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىغا كەلسە-كەلمەس بېسىم ئىشلەتتى. بۇنىڭغا قارىتا، چەتئەللىك مۇتەخەسىسلەر، ئالىملار، كەسىپ ساھەسىدىكىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگوغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، دۇنيا ئىقتىسادىنى تېخىمۇ زور خەۋپكە دۇچار قىلىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى ئىقتىساد ئىشلىرى ئەمەلدارى لياڭ گويۇڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قوزغىغان ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشى دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن مۇھىم خەۋپ-خەتەر بولۇپ قالدى، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىشى دۇنيا ئىقتىسادى ئۇچراۋاتقان تەھدىتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
برازىلىيە رىئودى ژانېيرو ئىشتاتلىق داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى سانتورو مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قوزغىغان ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۆزىگىمۇ پايدىسىز. بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈش تەدبىرى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىگە تېخىمۇ زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ ھەمدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىغا زور پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئامېرىكا كرېمنىي جىلغىسىدىكى داڭلىق ئىنكۇباتور «ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بوشلۇقى» شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، پەرىشتە مەبلەغ سالغۇچى سىتىف خوفمان مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قوزغىغان سودا ماجراسى بىر خىل دۈشمەنلىك كەيپىياتى پەيدا قىلدى،ئامېرىكىنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرى خەلقئارا مۇناسىۋەتكە ئۇزاق مۇددەت تەسىر كۆرسىتىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ