ھىندىستان خەلق پارتىيەسى مەملىكەتلىك سايلامدا غەلىبە قىلدى

2019.05.24 15:17 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدىكى خەلق پارتىيەسى باش ئىشتابىدا، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى (ئوتتۇرىدا) چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان سايلام كومىتېتى 24-ماي سەھەردە ئېلان قىلغان بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ھىندىستان خەلق پارتىيەسى خەلق پالاتاسى (پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى)نىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە ئېرىشىپ، 2019-يىلىدىكى ھىندىستان چوڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، مودى ھىندىستاننىڭ شىمالىي ئىشتاتىدىكى ۋالاناسى سايلام رايونىدا غەلىبە قىلىپ، ھىندىستان خەلق پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئاممىۋى پىكىردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا مودى ئۇدا زۇڭلى بولىدۇ، دەپ قارالغان.

  ھىندىستان فېدېراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ، پارلامېنتتا فېدېراتسىيە پالاتاسى (پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى) ۋە خەلق پالاتاسىدىن ئىبارەت ئىككى پالاتا تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. خەلق پالاتاسىدا 545 ئورۇن بار، ئىككى ئورۇننى زۇڭتۇڭ تەيىنلىگەندىن باشقا، قالغان 543 ئورۇن سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. خەلق پالاتاسىنىڭ سايلىمى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، سايلامدا كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشكەن پارتىيە ياكى پارتىيە ئىتتىپاقى ئىچكى كابىنېت قۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ