مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياپونىيەدە AI ئەدلىيە ئىمتىھان سوئالىنى پەرەز قىلدى

2019.05.23 16:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيەدىكى بىر «كۆرۈش دائىرىسى زىيارىتى» ناملىق سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىيات كارخانىسى مۇنداق دېگەن: ئۇلار ئاچقان «كەلگۈسىدىن كەلگەن سوئال» ناملىق سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى %60تىن ئارتۇق ئەدلىيە تەييارلىق ئىمتىھانىنىڭ سوئالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك مۆلچەرلىگەن ھەمدە جاۋابىنى يېشىپ بەرگەن.

  مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئەدلىيە تەييارلىق ئىمتىھانىغا قارىتا، «كەلگۈسى سوئال»نىڭ ئالدى بىلەن ئىمتىھان دائىرىسىدىكى قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، يېقىنقى سەككىز يىللىق ئىمتىھان سوئالى ۋە 3500 بەتلىك كۆنۈكمە توپلىمىنى تەتقىق قىلغان. نەتىجىدە 95 ئىمتىھان سوئالى ئىچىدە، ئۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا 57ىنى توغرا مۆلچەرلەپ، دەل تېپىش نىسبىتى %60 بولغان.

  ياپونىيەدە، قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتكۈزۈشتىن بۇرۇن ئەدلىيە تەييارلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى كېرەك. ياپونىيە رادىيو جەمئىيىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئىمتىھان ياپونىيەنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى سالاھىيەت ئىمتىھانلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

  بۇ كارخانا مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسىدا ئالدىن مۆلچەرلىگەن ئىمتىھان سوئاللىرىنى سېتىشنى پىلانلىدى. بىراق، بۇ خەۋەر كىشىلەرنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سوئال چىقىرىش تۈزۈمىگە بولغان تالاش-تارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھازىرغا قەدەر، ئەدلىيە تەييارلىق ئىمتىھانىنى تەشكىللىگەن ياپونىيە قانۇن ئىشلىرى ۋازارىتى بەزى سوئال مۆلچەرلەشكە قارىتا ئالدىراپ باھا بېرىش ئەپسىز، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ