ئۇكرائىنانىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان زېلېنسكىي قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى

2019.05.21 15:33 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋ شەھىرىدىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا، خەلق ئاممىسى زېلېنسكىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىق ئەھۋالىنى كۆرمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇكرائىنانىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان زېلېنسكىي 20-ماي ئۇكرائىنانىڭ ئالىي رادا (پارلامېنت) يىغىنىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى، ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  تۆۋەندىكى سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدىكى پارلامېنت زالىدا، ئۇكرائىنانىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان زېلېنسكىي زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇقىغا سىمۋول قىلىنغان ھاسىنى كۆتۈرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ