مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسمىنىڭ قوماندانى ئىران ئۆزىنى قوغداش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدى، دېدى

2019.05.20 16:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسمىنىڭ قوماندانى ھۈسەيىن سالامى 19 -ماي: ئىران ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدۇ، لېكىن ئۆزىنى قوغداش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدى، دېدى.

  ئىران ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىسى بولغان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سالامى شۇ كۈنى بىر ھەربىي ئىشلار يىغىنىغا قاتناشقاندا: ئىران دۈشمەننىڭ يۈزلىنىشىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە، «بىزنىڭ ئۇرۇش قىلغۇمىز يوق، لېكىن ئۇرۇشتىن قورقمايمىز»، دېدى.

  سالامى: ئىران نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن تەھدىت ئۆز دۆلىتىنىڭ چېگراسىغا قىستاپ كەلدى، ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتى تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدى، دېدى.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا زومىگەرلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، باشقا دۆلەتلەرنى ئېزىپ ۋە ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ كەلدى، بۇ خىل ئۇسۇل ھوقۇق ئېلىپ كەلمەيدۇ، پەقەت تۆت تەرەپتىن دۈشمەن پەيدا قىلىدۇ. «دۈشمەنلەر (ئامېرىكا) داۋاملىق زومىگەرلىك ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يەر شارىدىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى ياراتسىلا، ئىران ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىدۇ.

  ئىران-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يېقىندا داۋاملىق جىددىيلەشتى. بۇ يىل 4-ئايدا ئامېرىكا ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسمىنى تېررورلۇق تەشكىلات قاتارىغا كىرگۈزدى، ئىران ئارقىدىنلا ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئۇنىڭ غەربىي ئاسىيادا تۇرۇشلۇق ئارمىيەسىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتتى. 5- ئايدا، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە «ئابراھام لىنكولىن» ناملىق ئاۋىياماتكا جەڭ توپى، ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان ۋە دوك تىرانسپورت پاراخوتى قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ئىراننىڭ تەھدىتى»گە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ