جۇڭگو-قازاقىستان بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان «مۇزىكانت» ناملىق كىنو قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم قويۇلدى

2019.05.20 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا، قازاقىستان مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مىنىستىرى مۇخامېد ئوغلى «مۇزىكانت» ناملىق كىنونىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان تۇنجى كىنو «مۇزىكانت»نىڭ قازاقىستاندىكى تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى 17-ماي قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا ئۆتكۈزۈلدى. قازاقىستان مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مىنىستىرى مۇخامېد ئوغلى، جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2000 دىن ئارتۇق كىشى مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە كىنونى كۆردى.

  فىلىمدە جۇڭگولۇق مۇزىكانت شيەن شىڭخەينىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئالمۇتاغا كېلىپ، دەھشەتلىك مۇھىتتا قازاقىستان مۇزىكانتلىرىنىڭ قۇتقۇزۇشىغا ئېرىشكەنلىك ھېكايىسى بايان قىلىنغان. قازاقىستانلىق نۇرغۇن تاماشىبىن كىنونى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن تەسىرلىنىپ كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كىنو ۋە ئارتىسلارنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى ئۈچۈن چاۋاك چېلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

  جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى دۆلەت 2017-يىلى ھەمكارلىشىپ كىنو ئىشلەش كېلىشىمى ئىمزالىدى، «مۇزىكانت» ناملىق بۇ كىنو مەزكۇر كېلىشىمنىڭ باشلىنىش تۈرى بولۇپ قالدى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن قازاقىستاننىڭ «پارلاق يول» يېڭى ئىقتىسادىي سىياسىتى ئادىمىيەت ساھەسىدە جىپسىلاشقان نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ