مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىدىكى بىر قىسىم خادىملىرىنى چېكىنىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى

2019.05.16 16:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ 15-ماي بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانا ۋە كۇرد ئاپتونوم رايونى (كۇرد رايونى)نىڭ ئاربېل شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئامېرىكا تەرەپتىن بارغان جىددىي بولمىغان خىزمەتچى خادىملىرىنى ئىراقتىن چېكىنىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

  ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېكىتى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ۋە ئاربېل كونسۇلخانىسىدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا تەرەپتىن بارغان جىددىي بولمىغان خىزمەتچى خادىملارغا ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىش بۇيرۇقى چۈشۈردى، يۇقىرىقى ئىككى جايدىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىنىڭ نورمال ۋىزا مۇلازىمىتى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ. باياناتتا دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقتا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئامېرىكا پۇقرالىرىغا جىددىي مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى چەكلىك ئىكەن.

  ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ 14-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيەگە ئورۇنلاشتۇرغان، ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشكە مەسئۇل قىسىملىرى يۈكسەك ھۇشيار ھالەتتە تۇرغان بولۇپ، ئىراندىن كەلگەن تەھدىتكە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتماقتا ئىكەن.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو 7-چېسلا ئىراق پايتەختى باغدادنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىپ، ئىراق ھۆكۈمىتىدىن ئىراننىڭ «تەھدىتى»گە تاقابىل تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ