ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ساھە جەمئىيەتلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشىغا قارشى تۇردى

2019.05.16 15:13 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا تارتىلغان ئامېرىكا مەملىكەتلىك پارچە سېتىش سودىگەرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا مەملىكەتلىك پارچە سېتىش سودىگەرلىرى بىرلەشمىسى، ئىستېمال تېخنىكا جەمئىيىتى، كىيىم-كېچەك، ئاياغ، پايپاق كەسپى بىرلەشمىسى، دادۇر جەمئىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن ساھە جەمئىيەتلىرى 13-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ كۈنى قىممىتى تەخمىنەن 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان جۇڭگودىن ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋارلاردىن تاموژنا بېجى ئېلىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشىغا قارشى تۇردى ھەمدە ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد-سودا سۆھبىتىنىڭ تېزدىن نورمال يولغا قايتىشىغا دەۋەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ