كاننېس كىنو فېستىۋالى ئاساسىي مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ باھالىغۇچىلىرى نامايان بولدى

2019.05.15 16:34 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، فىرانسىيە كاننېستا، كاننېس كىنو فېستىۋالى ئاساسىي مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ باھالىغۇچىلىرىدىن (ئوڭدىن سولغا) فىرانسىيەلىك رېژىسسور روبان كامپىلو، ئامېرىكىلىق رېژىسسور كەيلى لېكات، پولشالىق رېژىسسور پاۋىئو پاۋلىكوۋىسكى، مېكسىكىلىق رېژىسسور ئالېھاندىرو ئىنيارىتو، بۇكنافاسولۇق ئارتىس مايمۇنا ئېندىيايې، ئامېرىكىلىق ئارتىس ئېللى فەننىڭ، ئىتالىيەلىك رېژىسسور ئالىس رولۋاخر، فىرانسىيەلىك رېژىسسور ئانكى بىلار ۋە گرېتسىيەلىك رېژىسسور يوگوس رانسىموس سۈرەتكە تارتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  بۇ نۆۋەتلىك كاننېس خەلقئارا كىنو فېستىۋالى 14-مايدىن 25-مايغىچە فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كىچىك شەھەر كاننېستا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، جەمئىي 19 كىنو ئاساسىي مۇسابىقە بۆلىكى قاتارىغا كىردى. «قۇش ئادەم» ۋە «قاقاس دالادىكى ئوۋچى»غا رېژىسسورلۇق قىلغان مېكسىكىلىق داڭلىق رېژىسسور ئالېھاندىرو ئىنيارىتو بۇ نۆۋەتلىك كىنو فېستىۋالى باھالاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ