مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

«ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ھىندىستاندا «ئۆلكە» قۇرىمىز، دەپ جاكارلىشى «كۈلكىلىك» ئىش

2019.05.13 16:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىسلام دۆلىتى» 10-چېسلا بايانات ئېلان قىلىش ۋاسىتىسى ئاماك ئاگېنتلىقى ئارقىلىق، ھىندىستاندا يېڭىدىن بىر «ئۆلكە» قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ، بۇ ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ تۇنجى قېتىم ھىندىستاندا ئۆلكە قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىشى ئىكەن.

  «ئىسلام دۆلىتى» باياناتىدا بۇ قارار ئېلان قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر شوبىئان رايونىدا ھىندىستان ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈردى، دەپ ئېيتىلدى.

  شۇ كۈنى ئەتىگەندە، ھىندىستان ساقچى تەرەپ بىر باياناتتا مۇنداق دېدى: بىخەتەرلىك قىسىملىرى شوبىئان رايونىدا قوراللىق خادىملار بىلەن ئېتىشىپ، ئىشفاك ئەھمەد سوفى ئىسىملىك بىر قوراللىق خادىمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى ھەرىكەت «پاكىز، رەتلىك» بولدى، باشقا زىيانلار بولمىدى.

  ھىندىستان بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، سوفى كۆپ قېتىم بىخەتەرلىك قىسىمىغا قارىتىلغان گرانات ھۇجۇمى قوزغىغان. ئۇ «ئىسلام دۆلىتى»گە سادىق بولۇشتىن ئىلگىرى كەشمىر رايونىدىكى كۆپلىگەن ئەسەبىي تەشكىلاتقا قاتناشقان.

  ئىسىم-فامىلىسىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ھىندىستان ئوفىتسېرى رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا: ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدا «ئىسلام دۆلىتى» بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئەسەبىي ئۇنسۇرلاردىن سوفىلا بولۇشى مۇمكىن، دېدى.

  خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئاخبارات ئىزدەش گۇرۇھىنىڭ تەھلىلچىسى رىتا كاز مۇنداق دېدى: «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ھىندىستاندا ئۆلكە قۇرىمىز دېيىشى «بىمەنىلىك، كۈلكىلىك»، روشەنكى، «بۇ بىر پو گەپ»، لېكىن «بىز ئاددىي ھالدا سەل قارىساق بولمايدۇ».

  كاز مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر بەلكىم بۇ ئىلگىرىلەشكە قارىتا كۆزىنى ئالايتىشى مۇمكىن، لېكىن ئاجىز رايونلاردىكى ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە قىياپەت بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن «خەلىپە دۆلىتى»نى قايتا قۇرۇشقا ئاساس سالىدۇ.

  «ئىسلام دۆلىتى» ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بارلىق زېمىنىدىن ئايرىلىپ، «كونا تاكتىكا»سىنى قايتىدىن تېپىۋېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش شەكىللىك ھۇجۇم قىلىش ۋە «ھۇجۇم قىلىپ قېچىپ كېتىش» تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قالدى. بۇ ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى يۈزلىنىشى ئوخشاشلا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

  سىرى لانكا پايتەختى كولومبو ۋە بېتىكلو قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇن چېركاۋ، ئالىي دەرىجىلىك مېھمانسارايلار 4-ئاينىڭ 21-كۈنى زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تەخمىنەن 250 ئادەم قازا قىلىپ، 500دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. «ئىسلام دۆلىتى» بۇ ھۇجۇمنى قوزغىغانلىقىنى جاكارلىدى، پەقەت ھازىرقى دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق بۇ ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ بۇ ھۇجۇمغا بىۋاسىتە قاتناشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمايدۇ.

  ۋاڭ خۇڭبىن

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ