مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ۋېنېزۇئېلا دېڭىز ئارمىيىسى ئامېرىكىنىڭ بىر چارلاش پاراخوتىنى قوغلاپ چىقاردى

2019.05.13 15:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ۋېنېزۇئېلا دېڭىز ئارمىيەسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ: بىز 5-ئاينىڭ 9-كۈنى لاگۇئا پورتىغا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنغان ئامېرىكىنىڭ بىر دېڭىزدا چارلاش پاراخوتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوغلىۋەتتۇق، دېدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەربىي پاراخوتى قوغلانغان چاغدا ۋېنېزۇئېلا دېڭىز قىرغىقىغا تەخمىنەن 14 دېڭىز مىلى قالغان ئىكەن. ۋېنېزۇئېلانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مونكادا: بۇ روشەن ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى دېدى.

  ۋېنېزۇئېلانىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لوپېز ئامېرىكا ئارمىيە دائىرىلىرىنى ۋېنېزۇئېلانىڭ سۇ تەۋەلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، قوغلىۋېتىلگەن «جامېس»ناملىق بۇ چارلىغۇچى پاراخوت ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت قىسمىنىڭ ئەڭ ئىلغار پاراخوتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭغا زامانىۋى كۆزىتىش ۋە رازۋېدكا ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن ئىكەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ