مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو-ئامېرىكا مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى لاسۋىگاستا ئۆتكۈزۈلدى

2019.05.13 15:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  2019-يىللىق جۇڭگو-ئامېرىكا مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نېۋادا ئىشتاتىدىكى لاسۋىگاستا باشلاندى، بۇ كۆرگەزمە شەكلى ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

  بۇ قېتىمقى ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەتنى لاسۋىگاس خەلقئارا ئىقتىساد-سودا بىرلەشمە كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ساياھەت شەھەرلىرى، داڭلىق مەنزىرگاھلار، دۇنيا مىراسلىرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارلىق كۆپ تېمىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرىلىدۇ.

  ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت جۇڭگو ۋە ئامېرىكىدىن كەلگەن 140تىن ئارتۇق مەدەنىيەت، ساياھەت ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىلىرىنى جەلپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگودىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئورۇن 65 كە يەتكەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ