مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئەنگلىيە كامبرىج داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى بارېل: جۇڭگو ھەقىقىي «ئەمەلىي ئىش قىلغۇچى»

2019.05.13 15:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئەنگلىيە كامبرىج داشۆسى جاچ سودا شۆيۇەنىنىڭ پىروفېسسورى ئاللېن باررېل يېقىندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كارخانىلىرى ئەنگلىيەنىڭ كامبرىجدا بىر قاتار مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ ھەقىقىي «ئەمەلىي ئىش قىلغۇچى»ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئونىڭ يېقىندا ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولغاندا «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسى توغرىسىدا ئېلان قىلغان سۆزىنىڭ مەزمۇنىغا رەددىيە بەردى.

  پومپېئو 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەنگلىيەنى زىيارەت قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئامېرىكا ئەنگلىيەنى «بىر بەلباغ، بىر يول»غا قارىتا ھوشيارلىقنى ساقلاشقا ھەمدە ئاۋاز چىقىرىپ قارشى تۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، باررېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى، ئۇلار ھەتتا جۇڭگوغا قارا چاپلاشتىن باش تارتمىدى. لېكىن بۇ خىل ئۇسۇل توغرا ھەل قىلىش يولى ئەمەس.

  باررېل مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا جەھەتتە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بەزى غەرب ئەللىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم پەقەت ئورتاق ھەمكارلىشىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، چۈشىنىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىشنىڭلا توغرا يول ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ