مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سېستىمىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىدۇ

2019.05.13 15:41 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  رېتتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: ئامېرىكىنىڭ مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرى شاناخان 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سېستىمىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىشنى تەستىقلىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىقى، بۇ ئىراننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تۇرۇشلۇق قىسمىغا پەيدا قىلغان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دېدى.

  ئوتتۇرا شەرق رايونىغا «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سېستىمىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتكەندىن باشقا، يېقىندا ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ئەسكەرنى كۆپلەپ ئەۋەتتى. شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «لىنكولىن» ناملىق ئاۋىئاماتكىسى سۇۋەيش قانىلىدا پەيدا بولدى ھەمدە قانال ئارقىلىق قىزىل دېڭىزغا كىردى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ B-52 تىپلىق ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى قاتارنىڭ پايتەختى دوخاغا يېقىن ئەتراپتىكى ئۇدېيد ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا يېتىپ باردى.

  ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكا ۋە ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلاننى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ئەۋەتكەنلىكىگە قارىتا، ئىران ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكا ئەۋەتىشى ھىچقانداق خەۋەر ئەمەس، بەلكى «پىسخىكىلىق ئۇرۇش». ئىران بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ قېتىم ئەگەر دۈشمەن دۈشمەنلىشىشنى كەسكىنلەشتۈرۋەتسە، ئىراننىڭ ھورمۇز دېڭىز بوغۇزىنى قامال قىلىش ئىقتىدارى بار، ئەمما بىز ھورمۇز دېڭىز بوغۇزىنىڭ راۋان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېگەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ